-
PSPنى نىمىشقا يېشىمىز؟
2009-06-17 | خەتكۈچ: PSP
بۇ مەھسۇلاتنىڭ نۆۋەتتە ئۈچ ئەۋلات نۇسخىسى بار.
بىرىنجى ئەۋلات PSP1000. (ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىدى)
ئىككىنجى ئەۋلات PSP2000(ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىدى)
ئۈچۈنچى ئەۋلات PSP3000.
ئەمدى بۇنى يېشىشىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى سۆزلەپ ئۆتەي:
ئەسلى سونىي شىركىتى بۇ مەھسۇلاتنى بازارغا سالغاندا ئۇنىڭ ئاساسلىق كىرىمىنى ئويۇن پلاستىنكىسىنى (UMDشەكىلدىكى) سىتىش ئارقىلىق تاپماقچى بولغانىدى. ئەڭ دەسلەپتە ئۇنى سىتىۋالغۇچىلار يىڭى ئويۇن ئوينىماقچى بولسا چوقۇم شۇ ئويۇننىڭ ھەقىقىي نۇسخىدىكى UMDدىسكىسىنى سىتىۋىلىپ ئوينىمىسا بولمايتتى. بۇنىڭ ھەقىقىي نۇسخىدىكى ئويۇنلىرى تەخمىنەن 100يەن ئەتراپىدا(بىر دىسكىنىڭ ). بۇ نۇرغۇن ئويۇن شىركەتلىرىگە نۇرغۇن ئىقتىسادى پۇرسەت ئەكەلگەنىدى. ئەگەر سىزدە ئويۇن دىسكىسى بولمىسا ئۇنى ئوينىيالمايسىز دىگەن گەپ . بىر ئويۇننى ئويناۋەرسىڭىز زىرىكىسىز، شۇنىڭ بىلەن يىڭى ئويۇننى سىتىۋالغۇڭىز كىلىدۇ ، يەنە يانجۇقىڭىزنى ئاختۇرۇشقا باشلايسىز. دەسلەپتە مانا مۇشۇنداق ئىدى. (مەنمۇ دەسلەپتە سىتىۋالغان ۋاقىتتا تىخى يېشىۋىتىلمىگەنىدى.مەنمۇ 140 يۈەنگە بىر ئويۇننىڭ ھەقىقىي نەشىرىنى سىتىۋالغانىدىم.)لىكىن ئىش كىيىن ئۆزگەردى! ئويۇنلارنى توردىن چۈشۈرۈپلا ساقلىغۇچ كارتىغا قاچىلاپلا ئوينايدىغان بولدى!...
نىمىشقا شۇنداق بولىدۇ دىگەندە PSP ئاخىرى يېشىۋىتىلدى!.... ئويۇن دىسكىسى بولمىسىمۇ ، ھەقىقىي نۇسخىدىكى ئويۇنلار بولمىسىمۇ ، توردىن چۈشۈرۈپ ، ساقلىغۇچ كارتىغا قاچىلاپلا ئوينىساق بولىدىغان بولدى.
بۇنى سوني شىركىتى ئەمەس بەلكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئويۇن ھەۋەسكارلىرى ، ئويۇن خاككىرلىرى ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ ، يىڭى يىڭى يوچۇقلارنى بايقاپ ، ئاخىرىدا مۇۋەپپىقىيەتلىك يەشتى!...
مانا بۇ PSP1000نىڭ يېشىلىشى. ئاندىن سوني يەنە يەشكىلى بولمايدىغان PSP2000نى ئىشلەپ چىقاردى. ئەمما بۇمۇ ئۇزاققا بارمىدى!... بۇمۇ ئاخىرىدا يەنە شۇ تىرىشچان خاككىرلار تەرىپىدىن يېشىۋىتىلدى!...
كىيىن سونىي يەنە PSP3000نى ئىشلەپ چىقاردى ، ئەمما بۇمۇ يېقىندا يەنە يېشىۋىتىلدى!....
بىز ھازىر پەقەت مۇشۇ PSPنى سىتىۋالساقلا ئويۇن سىتىۋىلىشنىڭ قىلچە ھاجىتى قالمىدى دىسەكمۇ بولىدۇ.( چۈنكى بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ ئەۋزەل يېرى شۇكى ھەممە ماتىرىياللاردىن توردا ھەقسىز بەھرىمان بولىمىز ئەمەسمۇ!.... ئەمما باشقا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە ئۇنداق ئەمەس، چوقۇم نەشىر ھوقوقىغا ھۆرمەت قىلىشى كىرەك. ھەقىقىي نۇسخىدىكى ئويۇنلارنى سىتىۋىلىپ ئوينىشى كىرەك.)
بەزى لىكىن بۇ مەھسۇلات جوڭگو بازىرىغا رەسمىي كىرگىنى يوق!... خۇددى iPHONE غا ئوخشاش. لىكىن بازاردىن تاپقىلى بولىدۇ.باھاسى 1200يۈەن ئەتراپىدا.
تورداشلار ئەگەر بۇ مەھسۇلاتنى سىتىۋالسا بلوگۇم سىز ئۈچۈن ھەقسىز تىخنىكا مۇلازىمىتى قىلىدۇ. بازارلاردا بۇنى يەشتۈرسىڭىز تەخمىنەن 50 يۈەندىن 150 يۈەنگىچە پۇل ئالىدۇ، لىكىن بلوگىمىز سىزگە بۇنى ھەقسىز يېشىپ بىرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنى يېشىش ئۇنداق تەس ئەمەس. ئەڭ تەس يەرلىرىنى خاككىرلار تەييار قىلىق قويغان ، سىز پەقەت شۇ كۆرسەتمە بويىچە ئىش قىلسىڭىزلا بولىدۇ.
مەن بۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەتكىلى تۇرغىلى 2 يىلدىن ئىشىپ قاپتۇ، بۇ جەرياندا بۇنىڭ ھەممە نۇسخىسىنى ئۆز قولۇق بىلەن يېشىپ باقتىم ( مەن ئىشلەتكەن ۋاقىتتا بۇ مەھسۇلاتنىڭ 3.1** نۇسخىسى بار ئىدى ، ھازىر 5.03 نۇسخىسى چىقىپ بولدى .بايام دىگەندەك باشقىلار تەييار قىلىپ قويغان پروگراممىنى قوللىنىپ تۇرۇپ يەشكەن). بۇ جەھەتتە خىلى تەجرىبەم بار. تورداشلارغا ياردەم قىلىشقا ھەرۋاقىت تەييار!...
-
Sonyنىڭ يىڭى مەھسۇلاتىدىن ھوزۇرلىنىڭ
2009-06-11 | خەتكۈچ: psp go











